- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گىۋاتېمالا سوت مەھكىمىسى سابىق زۇڭتۇڭنى قاماپ تۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى
2015.09.11 16:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گىۋاتېمالا سوت مەھكىمىسى 8-سېنتەبىر چىرىكلىشىش سەۋەبىدىن ھوقۇقىدىن ئىستىپا بەرگەن، ھەم قولغا ئېلىنغان سابىق زوڭتوڭ ئوتتو پېرىسنى 3 يېرىم ئاي ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قاماپ تۇرۇش، ھەم 21- دېكابىر سوت ئېچىپ ئوتتو پېرىسنىڭ چېرىكلىشىش دېلوسىغا قاراپ چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
8- سىنتەبىردىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، سوتچى گالۋېس مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، گىۋاتېمالا ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش كومىتېتى 7- دېكابىردىن بۇرۇن ئوتتو پېرىسنى تەكشۈرۈشنى تاماملىشى، ھەم سوتقا ئوتتو پېرىس توغرىسىدا رەسمىي ئەيىبنامە سۇنۇشى كېرەك.
1–سېنتەبىر، گىۋاتېمالا پارلامېنتى ئوتتو پېرىسنىڭ زۇڭتۇڭلۇق كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بىكار قىلدى. 2-سېنتەبىر، تەپتىش مەھكىمىسى پارىخورلۇق ، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ ئوتتۇ پېرىسنى ئەيىبلىدى . شۇ كۈنى كېچىدە ئوتتو پېرىس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. 3-سېنتەبىر گىۋاتېمالا ئالى سوت مەھكىمىسى ئوتتو پېرىسنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.
گىۋاتېمالا سىياسى سەھنىسىدىكى چىرىكلىشىش سەتچىلىكى بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئاشكارىلىنىپ، سىياسى سەھنىنى تەۋرىتىۋەتتى، نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار موللاق ئاتتى، ئاممىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئۈزۈلمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر