باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيە باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ كۈن تەرتىپى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىدۇ

2015.09.11 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، ئۈچ دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ 15-سېنتەبىر سىئۇلدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھې جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا قاتناشقان. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، پاك گۈنھې جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا جۇڭگو، كورىيە ۋە ياپونىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، كورىيە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ قېتىمقى تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر