باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى بىر قىسىم خادىملىرىنى ۋە قورال جابدۇقلىرىنى سانادىن چېكىندۈردى

2015.09.11 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرىنىڭ 10-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: يەمەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى 9-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۆزى ئىگىلەپ تۇرغان پايتەخت سانادىن بىر قىسىم قوراللىق خادىملىرى بىلەن قورال ياراقلىرىنى ئۆزىنىڭ لاگىرى سادا ئۆلكىسىگە چېكىندۈرگەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە يېقىندا قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ سانا شەھىرىدىكى بازىسى، قورال ياراق ئىسكىلاتى ۋە قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇرۇشلۇق جاينى شىددەتلىك بومباردىمان قىلغان. قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نەچچە ئون خادىمى ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.

  يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتار يەمەن تەۋەسىگە بىر قانچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن، تانكا ۋە بىرونېۋىك قاتارلىق قورال ياراقلار ئەۋەتىپ، خىل قىسىملارنى سانا ئەتراپىغا توپلاپ، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن سانانى قايتۇرۋالماقچى بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر