باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەنىڭ خىمىيىۋىي قوراللىرىنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدا ھوقۇق بەردى

2015.09.11 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 10-سېنتەبىر سۈرىيەدىكى خىمىيىۋىي قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى جاۋابكار تەرەپنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، خىمىيىۋىي قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدا ھوقۇق بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون باياناتچىسى ئارقىلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەمدە خىمىيىۋىي قوراللارنى ئىشلەتكۈچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىمىيىۋىي قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر يېقىندىن ماسلىشىپ، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىشنى ئارقىغا سۈرمەي، ئومۇميۈزلۈك ھەرىكىتىنى تېزدىن باشلايمىز. ئۇ، سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە يېقىندىن ماسلىشىشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر