باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلايلى

−ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى جايلاردىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سۈرئەتنى بىرلىكتە تېزلىتىشكە مەجبۇرلىدى

2015.08.21 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇ ئەربابلىرى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكتە. (گېزىتىمىز مۇخبىرى شى جيامىن فوتوسى)

  «7-ئاخشىمى» بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، گۇاڭجۇ گېزىتى گېزىتچىلىك گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئوكيان تورى مەلۇم مېھمانخانا بىلەن بىرلىكتە «ئاشىق-مەشۇقلار يازلىق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان، «گۇاڭجۇ گېزىتى»نىڭ 12-ئاۋغۇست سانىدىكى بۇ «دۇفۇ پارچىسى»غا ئىككى ئۆلچەملىك كود سەپلەنگەن بولۇپ، يان تېلېفون بىلەن بۇ ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سكاننېرلىغاندىلا، تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتناشقىلى بولىدىكەن، ئۇزاق ئۆتمەيلا نەچچە يۈز ئاشىق-مەشۇق بۇ ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سكاننېرلىغان.

  گېزىت، تور، يان تېلېفوندا بىرلەشمە تارقىتىش، ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىنى قاتنىشىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشىگە قولايلىق، بۇنداق ئەمەلىيەت ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ بولدى. خەلق گېزىتى ئىدارىسى بىلەن شېنجىن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2015-يىللىق تاراتقۇلارنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇش مۇنبىرىدە، بۇ، يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن تاراتقۇ ئەربابلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى: ئابونېنت ھەم بازا، ھەم جامائەت پىكرى سورۇنى؛ بازا ۋە جامائەت پىكرىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكتە ئابونېنتنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىككە قارايمىز؛ ئابونېنتنى قولغا كەلتۈرۈشتە، تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە مەھسۇلاتلىرىدا «ئابونېنتلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشىنى مەركەز قىلىش»تا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  تاراتقۇلارنى بىرلەشتۈرۈش بىر خىل يېپيېڭى تەپەككۇر، شۇنداقلا ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئالاقە تورى تەپەككۇرىنىڭ يادروسى. دەل بۇ خىل تەپەككۇر ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى جايلاردىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سۈرئەتنى بىرلەكتە تېزلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تاراتقۇ دەۋرىدىكى رىقابەت كۈچىنى بەرپا قىلىشقا مەجبۇرلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر