باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئەقىل كۆرسىتىلدى

2015.08.24 13:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ‹‹يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى يولغا قويۇش مېخانىزمى مەسىلىسى››نى بۇ يىللىق كېڭىشىش خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنى نۇقتىلىق تەكلىپ لايىھەسى قاتارىغا قويدى ھەم 21 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسەتتى.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈنشياڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى يولغا قويۇش مېخانىزمىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاساسىي مەقسەتلىك سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى كۆپچىلىكنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.

  يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىستېمىسى ئورنىتىش، سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، پۈتكۈل قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئەمما، ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش، سۇ تېجەش قۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە كۆلەملەشتۈرۈش تەلىپى بىلەن پەرقلىنىش، رايون تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار ساقلانماقتا. يىغىن قاتناشچىلىرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزىتىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق پىكىرلەرنى بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر