باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيەدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى بىرلىكتە خاتىرىلەندى

2015.08.24 13:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيە ئارمىيە ساھەسى ۋەكىلى ۋە رىئو دې ژانېيرودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق ، جۇڭگو مۇھاجىرىدىن بولۇپ 300 دىن كۆپرەك كىشى 22-ئاۋغۇست بىرازىلىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ئالدىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە خاتىرىلىدى.

  بىرازىلىيە رىئو دې ژانېيرو تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن شيوڭبىن مۇنداق دېدى: بىرازىلىيەنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى 70 يىل ئىلگىرى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ھازىرغىچە ياۋروپادا ئۇلار تۆلىگەن ھايات ۋە قانلىق بەدەل يەنىلا ياد ئېتىلمەكتە. ئاسىيادىكى جۇڭگو خەلقىمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا باتۇرلارچە ئاتلىنىپ، ئىستراتېگىيەدە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانى ۋە تىنچ ئوكيان ئۇرۇش مەيدانىغا ماسلىشىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى ھەمدە غايەت زور تۆھپە قوشتى.

  چېن شيوڭبىن مۇنداق دېدى: بىز فاشىزمغا بىرلىكتە زەربە بېرىش جەريانىنى ئۆتكۈزدۇق، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىستىكىمىز ئوخشاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر