باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ «12-ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ھەم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى

2015.08.19 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 18-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. «خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارنى بىخەتەر باشقۇرۇش نىزامى» (گوۋۇيۈەننىڭ 591-نومۇرلۇق پەرمانى) ۋە «ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىخەتەرلىك ۋەقەدىسىنى دوكلات قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» (گوۋۇيۈەننىڭ 493-نومۇرلۇق پەرمانى)دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تيەنجىن پورتىدىكى رۈيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ھەم تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدرۇدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ج خ مىنىسترىلىقى باشلامچىلىق قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتناشتى ھەم مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنى ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا خادىم ئەۋەتتى. ج خ مىنىسترىلىقىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ھەم ۋەقە جاۋابكارىغا بىر تەرەپ قىلىش پىكىرى بېرىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇلىيەتچان جاۋاب بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر