- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليون 770مىڭ ئايال ۋە ئۆسمۈر ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى››دىن نەپكە ئېرىشتى
2015.08.24 13:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
قاراقاش ناھىيەسنىڭ ياۋا يېزىسى بىخلىق كەنتىدىكى ئايال كارخانىچى پالمىخان مەمەت 12 – ئاۋغۇست: يەنە 100 مىڭ يۈەن قەرز ئالالىسام، تېخىمۇ كۆپ ئاچا – سىڭىللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايتتىم، دېدى ئىشەنچ بىلەن. پالمىخان كەنتتە رەخت دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، ئاساسلىقى پەردە، كىيىم – كېچەك تىكەتتى، كەشتىچىلىك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى يول بويىغا سالغان كىچىك دۇكىنى ھازىر ئىككى قەۋەتلىك بەش دۇكانغا كېڭەيدى.
60 ياشلىق پالمىخان ئىشىكى ئالدىغا ئېسىلغان ‹‹خوتەن ياۋا بىخ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى›› دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پەخىرلەنگەن ھالدا: ‹‹مەن بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى›› دېدى. پالمىخان ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى››دىن نەپكە ئېرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ ۋەكىلى.
2011 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى››نى شۇ يىلقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 22 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزدى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى›› نىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاسلىققا ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى زورايتىش ئۈچۈن، 16 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ‹‹گۈزەل ئاياللار دەرسخانىسى››، ‹‹گۈزەل ئانا››، چېۋەر قوللارنى نامايان قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن 2 مىليون 770 مىڭ ئايال ۋە ئۆسمۈر نەپكە ئېرىشتى. ئاياللار ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتى، كەشتىچىلىك كەسپى رايونى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى قاتارلىق ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى›› بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 468نى قۇردى، ئايال كارخانىچىلارنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 342 مەيدان ئۆتكۈزدى، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق 100 مىليون يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلىندى، ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى›› ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان باشلامچى قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2011 – يىلى 5 – ئايدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ئېلىش سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇنى خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇردى. بۇ سىياسەت ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى ھەل قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2015 – يىلى 6 – ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاياللارنىڭ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىدىن جەمئىي 15 مىليارد 115 مىليون يۈەن تارقىتىلىپ، 475 مىڭ ئايال قەرز ئېلىپ، 628 مىڭ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى كەشتىچىلىكنىڭ يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆز جايىدا ئىگىلىك تىكلىشىگە ماس كېلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەش يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ماسلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن 37 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەشتىچىلىك جەمئىيىتىدىن 308نى يۆلەپ، ئاياللارنىڭ كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىك قىلىدىغان ئاياللار 300 مىڭدىن ئېشىپ،ئۇلار ھەر يىلى 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سودا قىلالايدىغان بولدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى جايلاردىكى كەسپىي تەربىيەلەش بازىلىرى، SYB ئىگىلىك تىكلەش، تەربىيەلەش تۈرى ۋە خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى مەبلىغىگە تايىنىپ، بەش يىلدىن بۇيان، جەمئىي 837 مىڭدىن ئارتۇق ئايال (قېتىم) تەربىيەلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 21 مىڭ ئايال دېھقان تېخنىك گۇۋاھنامىسى، 4088 ئايال ۋاسىتىچى گۇۋاھنامىسى ئالغان. ئاياللارنىڭ توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىك كەسپى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گۈللىنىپ، ھەر يىلى 2 مىليارد يۈەنلىك سودا قىلغان.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە جەمئىيەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە ئاياللار 4 مىليون 552 مىڭ بولۇپ، %41.5 نى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىدىكىدىن %29 ئاشقان؛ 2014 – يىلى 470 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار %48 نى ئىگىلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر