- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«جۇڭگو ياسىغان» رىئودې ژانېيرو ئو ت م ئېلېكتىر موتورلۇق پويىز گۇرۇپپىسى تولۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
2015.08.20 17:07 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: ئاخىرقى ئو ت م ئېلېكتىر موتورلۇق پويىز گۇرۇپپىسى 19-ئاۋغۇست چاڭكې يۇقىرى سۈرئەتلىك موتورلۇق پويىز گۇرۇپپىسى ياساش مەركىزىدە ياسىلىپ بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ نەن فوتوسى)
خەلق گېزىتى، چاڭچۇن، 19-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئېلىمىز بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئو ت م نى تەمىنلەيدىغان ئاخىرقى EMU (ئېلېكتىر موتورلۇق پويىز گۇرۇپپىسى) جۇڭگو جۇڭچې چاڭكې پاي شىركىتىدە ياسىلىپ بولدى. ھازىرغا قەدەر، چاڭكې پاي شىركىتى بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو شەھىرىنى جەمئىي 100 ئېلېكتىر موتورلۇق پويىز گۇرۇپپىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پويىز بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو شەھىرىدىكى بەش شەھەر رېلىس قاتنىشىدىكى «غول لىنىيە»دە قاتناپ، شەھەر مەركىزى بىلەن شەھە ئەتراپىنى تۇتاشتۇرىدۇ ھەم بىرازىلىيەدە 2016-يىلى رىئودې ژانېيرو ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان−ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدىن ئۆتۈپ، ئېلىمىز رېلىسلىق قاتناش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ چەت ئەلدە ئو ت م غا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر