باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە-چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى پانمونجومدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.08.24 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 23-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى 22-ئاۋغۇست سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، 23-ئاۋغۇست سائەت 4تىن 15 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر كورېيە-چاۋشيەن چېگراسىدىكى پانمونجومدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ئارقىدىن يىغىننى ۋاقىتلىق توختىتىپ، 23-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن داۋاملىق سۆزلىشىشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئەڭ ئاۋۋال چاۋشيەن 21-ئاۋغۇست ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن ئىككى تەرەپ 22-ئاۋغۇست سائەت 18دە كورېيە-چاۋشيەن چېگراسى پانمونجومدىكى كورېيە تەرەپكە قارايدىغان «تىنچلىق ئائىلىسى»دە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى بېكىتكەن.

  بۇ قېتىمقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئىككىدىن ۋەكىل قاتناشتۇردى. كورېيە تەرەپ چىڭ ۋاتەي دۆلەتلىك بىخەتەرلىكنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كىم كۇانجىن ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرى خوڭ يۇڭپياۋنى ۋەكىل قىلدى. چاۋشيەن تەرەپ بولسا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى باش سىياسىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ بىڭشى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كىم ياڭجەننى ۋەكىل قىلىپ قاتناشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر