باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2015.08.21 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەنجىن پورتى 12-ئاۋغۇست پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، جايلاردىكى كارخانىلار ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يوچۇقنى ئېتىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى. جۇڭگو دېڭىز ئوكيان نېفىت باش شىركىتى يېقىندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ھەمدە 24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى پورت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن سىگنال بولدى، كۆپلىگەن پورت كارخانىلىرى بۇنىڭ بىلەن ئارقا ئارقىدىن ھەرىكەتكە كەلدى. نىڭبو پورتى گۇرۇھى كارخانا باشقۇرۇش قاتلىمى رايونلار بويىچە سۇيۇق خىمىيىلىك سانائەت رايونى، ماي پىرىستانى، خەتەرلىك بۇيۇملار توپ يەشىك مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى تەكشۈرۈپ، توپ يەشىكلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ قويۇش،قىسمەن مال تۈرلىرىنى ۋاقىت، مىقدارى بويىچە قويۇش، خام نېفىت، سۇيۇق خىمىيە سانائەت باكلىرىنى ساقلاشنى بىخەتەرلىك دائىرىسى ئىچىدە تىزگىنلىدى. چىڭداۋ پورتى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى، پارتكوم شۇجىسى جېڭ مىڭخۈي ئۆمەك باشلاپ چىڭداۋ كونا پورت رايونى، خۇاڭداۋ يېڭى پورت رايونى ۋە دوڭجياكوۋ پورت رايونىغا بېرىپ بىخەتەرلىكنى چوڭ تەكشۈردى. شاڭخەي پورتىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار پورتنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ھەمدە ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنىدىن موداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك بۇيۇملار مەشغۇلات رايونى بولۇپمۇ پورت رايونىدىكى خەتەرلىك بۇيۇملار مەشغۇلات پىرىستانى، توپ يەشىك چۈشۈرۈش مەيدانى، ئىسكىلات، ۋاگون رايونى،تۇرۇبا يولى قاتارلىقلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈردى. جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى پۈتۈن گۇرۇھقا قاراشلىق كارخانىلاردىن مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى كارخانىلار سىناق كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك ۋەقەلەرگە قارىتا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى ۋە نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەقەدىن جىددىي قۇتقۇزۇشنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرتىپى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۆز ئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەشىقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر