باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى

2015.08.19 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتنى مۇقىم كۈچەيتىپ ئىسلاھاتنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى

  يىغىنغا لى كېچياڭ، ليۇۋ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 15- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، بۇلتۇرقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يارىتىلغان ياخشى ۋەزىيەت ئاساسىدا، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا پۇختا قەدەم ئېلىندى، ئىچىكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى، بەزى مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىسلاھاتنى مۇقىم كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەشنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتتا دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ،چىڭ ئىرادە باغلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشتە كۈچەش ۋە توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇۋ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنىغا قاتناشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر