باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3–يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

2015.08.24 13:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 – ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئايرىم – ئايرىم دوكلات قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى قىسمەن خادىملار، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىغا قارىتا ياخشى تەكلىپ، پىكىرلەرنى بەردى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قايسى ئورۇن رەھبەرلىرى خىزمەتلەرگە ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلۈپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆز تارمىقىنىڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تېزدىن بېجىرىش پىلانىنى تۈزۈپ، بېجىرىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر تەشكىللىك، ئۈنۈملۈك يولغا قويدى؛ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قايسى ئورۇنلار يېڭى پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈرلۈك بەلگىلىمە – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بېجىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ئەمما ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ دوكلاتىدىن ۋە ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ھازىر ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ پىكرى ۋە تەكلىپىنىڭ بېجىرىلىش خىزمىتىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇت: بىرىنچى، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان بەزى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان؛ ئىككىنچى، مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تەدبىرلىرى، ۋاقىت سۈرۈكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان؛ ئۈچىنچى، ھەقىقەتەن ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان مەسىلىلەرگە بېرىلگەن جاۋاب ئاددىي بولۇپ قالغان.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قايسى ئورۇنلار ۋەكىللەر بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە باغلاپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كونا ئادەت ۋە ئىلگىرىكى خىزمەت ئەندىزىسى بويىچە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلەرنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتىگە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىدە، ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى، تەكلىپىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 19 – ئاۋغۇستتىن 20 – ئاۋغۇستقىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان دائىمىي كومىتېتنىڭ قىسمەت ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى باشلاپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر