باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

7-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇنبىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى باشلاندى

2015.08.24 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇنبىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 21-ئاۋغۇست كوستارىكانىڭ ئەسكاسۇ شەھىرىدە باشلاندى. «ئىككى رايون، بىر ئىستىقبال» بۇ قېتىمقى ئاسىيا-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. كوستارىكانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گانزارىس بىلەن تايلاند دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىنخاسەينى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كوستارىكا زۇڭتۇڭى سولىس ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن شەرقىي ئاسىيا تىنچ ئوكيا ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان ئىككى رايون بولۇپ، تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچگە ئىگە. ئاسىيا-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. تاشقى سودا مىقتارى يەر شارى ئومۇمىي مىقتارىنىڭ %33نى، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقتارى پۈتۈن يەر شارىنىڭ %35نى ئىگىلەيدۇ. لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن شەرقىي ئاسىيانىڭ ھەكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈللىنىشى غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئىستىقپالى پارلاق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر