باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىندىن بۇيان پولات تۆمۈر سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيللىرى باھاسى ئۆرلەپ ئىسكىلات زاپىسى ئازايدى

2015.08.21 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، پولات تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيللىرى باھاسى ئۆرلەپ، ئىسكىلات زاپىسى ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توك ئىشلىتىش مىقدارى تۆۋەنلىكتىن يۇقىرىلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرىقى ئەھۋال ئېلىمىز سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 8-ئايدا بىر ئاز ياخشىلىنىپ، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ھازىر ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى مال باھاسىنى ئۆرلەتمەكتە. ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى ۋە ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ، سانائەت ئىقتىسادى قايتا تۆۋەنلىدى.خەلق تۇرمۇشى بانكىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ئىچكى تاشقى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى ئېلىمىزدىكى ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادنى ئەگرى توقايلىق ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈردى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سانائەت ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى ئىقتىساد ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تىز سۈرەتتە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلىندى. كېيىنكى يېرىم يىلدا سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ھازىرقى سەۋىيىدە مۇقىملىشىدۇ ھەمدە ئاستا سۈرەتتە ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر