باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 23-ئاۋغۇست يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي(مەخسۇس كۇرس)قاتلىمىغا ئارزۇ توپلاشنى باشلايدۇ

2015.08.24 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتىتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 8دىن كەچ سائەت 8گىچە مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى تاماملانمىغان پىلانى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئارزۇ توپلاشنى تەشكىللەپ ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قېتىم خەنزۇ تىل، مىللىي تىل، موڭغۇل تىلىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي (مەخسۇس كۇرس)0-تۈركۈم،1-تۈركۈم، ئۈچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تاماملانمىغان مەكتەپلەر، كەسىپلىرىگە ئارزۇ توپلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  قوش تىل سىنىپى، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي (مەخسۇس كۇرس)0-تۈركۈم، 1-تۈركۈم، ئۈچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تاماملانمىغان پىلانىغا ئارزۇ توپلاش 8-ئاينىڭ25-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8دىن سائەت 8گىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئارزۇ توپلاشتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي (مەخسۇس كۇرس)0-تۈركۈم، 1-تۈركۈم، ئۈچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تاماملانمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرسا بۇلىدۇ،شۇنداقلا يەنە، ئالدىنقى مەزگىلدە تولدۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي (مەخسۇس كۇرس)2-تۈركۈم ئارزۇسىغا تۈزىتىش كىرگۈزسە بۇلىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي (مەخسۇس كۇرس)2-تۈركۈم ئارزۇسىنى تولدۇرمىغانلار 23- ئاۋغۇست تولدۇرسا بۇلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر