باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردىكى ئامما پاسپورتنى تارقىتىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ماختىدى

2015.08.24 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-ئاۋغۇست، ھەر مىللەت ئاممىسى يەكەن ناھىيەلىك شەھەر ئاھالىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدە پاسپورت بىجىرىۋاتىدۇ ۋە پاسپورت ئېلىۋاتىدۇ. (زۇ تىڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلغىلى ئىككى ھەپتە بولدى، 21-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە، مۇخبىر ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىگە زىيارەتكە كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالدىراشلىق بىلەن پاسپورت بىجىرىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئۆز كۆزى كۆرۈپ، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي قاتلامدا تېز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئاممىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك بۆلۈمىنىڭ خىزمەتتە ئەستايىدىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ماختىغانلىقىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى.

  21-ئاۋغۇست سائەت 21:00لەردە، يەكەن ناھىيەلىك شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى2000 كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك يەرنى ئىگىلىگەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش چوڭ زالىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلغان ئىدى. ئارسلانباغ توغراق مازار يېزىسىلىق زىياۋۇدۇن ھېكىمنىڭ چېھرىنى خۇشاللىق قاپلىغان بولۇپ، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ پاسپورت بىجىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ ئاخىرلاشتى.

  «يەكەننىڭ ئەڭ يىراق يېزىسىنىڭ ناھىيە بارىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بېرىپ ـ كېلىشمۇ ئاسان ئەمەس. بىز بىر كۆزنەكنىڭ بىر سائەت ۋاقىت ئىچىدە 10 ئادەمنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلشقا تىرىشىپ، ئىش بىجىرىش ھالقىسىنى يەنىمۇ ئەۋزەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق» دېدىدەپ تونۇشتۇردى كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىشنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لىي لياڭ تونۇشتۇرۇپ.22-ئاۋغۇست شەنبە، مۇخبىر قەشقەر شەھىرىدىمۇ ئوخشاشلا پاسپورت قىزغىلىق مەنزىرىسىنى كۆردى. قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىشنى باشقۇرۇش چوڭ زالىدا، قەشقەر شەھىرى ئارايار يولىدىكى شەھەر ئاھالىسى ئابلىز سىيىت يېڭى پاسپورتنى ئەتراپىدىكى ئاممىغا خۇشال ھالدا يېڭى پاسپورتىنى كۆرسەتمەكتە.«قاراڭلار، مەن 12-چېسلا ئىلتىماس قىلغان ئىدىم، پاسپورتۇم بۈگۈن چىقتى، پاسپورت بىجىرىشنىڭ كىملىك بىجىرگەندەكلا ھەم تېز ھەم قۇلايلىق ئىكەنلىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن!» دېدى ئابلىز سىيىت خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.

  قەشقەر شەھەرلىك چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىشنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ كەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، قەشقەردە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پاسپورت بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئارتۇق بولدى. «24-چېسلا، بىز شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت چوڭ زالىغا كۆچۈپ بارىمىز، شۇ ۋاقىتتا پاسپورت بىجىرىش كۆزنىكى بەشتىن 12 گە كۆپەيتىلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز.»

  ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيان 3 مىڭدىن ئارتۇق پاسپورت بىجىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئىككى ھەپتىلىك خىزمەت مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر