باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى بىكار قىلىندى

2015.08.24 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ شەرتىگە ئەمەل قىلىنىدىغان بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سۆھبىتىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. پاكىستان ئالدىنقى شەرت قويۇلغان ئەھۋال ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

  ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىۋاراجې بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاكىستان تەرەپ مەسلىھەتچىسى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، كەشمىر رايونى رەھبىرى بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغان، سۆھبەتنىڭ پەقەت تېررورچىلىققا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغىلا چېتىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە كەشمىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ، ئايرىم دۆلەت قۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەشمىر رايونىنى تالىشىپ، ئىككى قېتىم ئۇرۇش بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر