خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:سۆرەتتە: 20-ئاۋغۇست، نەنجىڭ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىدىكى تيەنرۇنچېڭدىكى XX كورپوستىكى ئىجارىگە ئىلىنغان 405-نومۇرلۇق شاخلىتىپ ساتقۇچىلار توپلانغان ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە، ئىككى نەپەر ساقچى شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىۋاتىدۇ.
شۇ كۈنى، نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى شاخلىتىپ ساتقۇچىلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 700دىن ئارتۇق تەشكىللىك شاخلىتىپ ساتقۇچىنى تۇتقان، 51 «دېرىكتور ئىشخانىسى»نى تازىلىغان، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىنىڭ 8 بانكا ھېسابات نومۇرىنى توڭلاتتى، توڭلىتىلغان مەبلەغ نەچچە ئون مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى