- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە باشقىچە پىكىردە بولغانلىقىنى تەنقىدلىدى
2015.08.24 13:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە داۋاملىق باشقىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف شۇ كۈنى جەنۇبىي كۇرىل ئاراللىرىدىكى ئېتوروفو ئارىلىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيەگە ئېتىراز بىلدۈردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي كۇرىل ئاراللىرى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رۇسىيە زېمىنى، رۇسىيە زۇڭلىسى دۆلەت ئىچىدىكى سەپەر يولىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، سىرتنىڭ پىكرىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ۋېدۋېدېفنىڭ ئېتوروفو ئارىلىغا چىققانلىقىغا كۆرسەتكەن ئىنكاسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىگە داۋاملىق باشقىچە قاراشتا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر