باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 15 - يىغىنى ئېچىلدى

ئىسلاھات ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.08.21 13:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 15 - يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنىپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ئاساسىدا، بۇ يىل ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە پۇختا قەدەم تاشلاش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ھالەت شەكىللىنىپ، مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈش بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىسلاھات ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يولۇققان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي، قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىسلاھاتنى توغرا يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «ئىقتىسادىي تەپتىشتە ئېنىقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسى»، «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسى» ۋە «كىملىكنىڭ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئىلتىماسىنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىش ۋە يىتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسىنى تېپىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر