باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جايلار، تارماقلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

2015.08.19 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە سېپى ھەقىقىي مۇستەھكەملەندى

  يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا پەۋقۇلئادە ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقرىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، بولۇپمۇ، تيەنجىن پورتىدىكى رۈيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش ۋەقەسىدە نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى ۋە مال-مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قانلىق ساۋاقنى چوقۇم ئەستە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشتىن-ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك» دەپ مۇھىم كۆرسەتمە بەردى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلار، تارماقلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمە روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەقەدىكى ساۋاقنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى مەخسۇس تۈزەشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئىستېھكامغا ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قوزغاپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، كارخانىنى رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزم بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر