خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:22-ئاۋغۇست كېچىدىن 23-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇنغىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتېرىلەش چوڭ يىغىنىنىڭ مەخسۇس تۈر مانىۋېرى بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونى ۋە چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ ئۆتكۈزۈلدى. مانىۋېرغا قاتناشقان خادىملار روھى كۆتۈرەڭگۈ، مانىۋېر جەريانى تەرتىپلىك بولدى، مانىۋېرنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى مۆلچەردىكى ئۈنۈمگە يەتتى، خاتېرىلەش چوڭ يىغىنىنىڭ ھەرتۈرلۈك تەشكىلىي خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاندى. 35 مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھە تاماشىبىن نەقمەيداندا مانىۋېرنى كۆردى.
سۈرەتتە: 23-ئاۋغۇست مانۋېرغا قاتناشقان ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى