باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى

2015.07.16 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:15 -ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاچقان 2015- يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىچكىردىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى دېيىلىدۇ) ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى ئىچكىردىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى داۋاملىق 3300 كىشى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ئوقۇغۇچىدىن3000نى قوبۇل قىلىدىكەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم پۇتبول كەسپىي ئېچىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىن 50 نەپەر پۇتبولدا ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىردىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، پۇتبولچىلىق كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىچكىردىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپ تەسىس قىلغان مەكتەپنىڭ بىرى بولغان نەنچاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن 30 نەپەر پۇتبولدا ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى، مەكتەپ ۋە كۇلۇبلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى يېتىشتۈرمەكچى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر