- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزۈشتە ھەقىقىي نام تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ خالتا ئەۋەتكەندە كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملىتىش كېرەك
2015.08.24 14:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا دۆلەت پوچتا ئىدارىسى«ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى قاتارلىق چوڭ پائالىيەت مەزگىلىدە پوچتا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: 15-سېنتەبردىن 3- ئۆكتەبىرگىچە، پوچتا يوللانمىسى ۋە تېز يوللانما ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئەۋەتىش قوبۇل قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. پوچتىغا سالغان يوللانما، تېز يوللانما، ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش كارخانىلىرى خېرىدارلارنىڭ كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ ھەمدە ئالاقىدار كىملىك ئۇچۇرىنى تىزىمغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. خېرىدارلار كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشىنى رەت قىلىسا ۋە ياكى تىزىمغان ئېلىشنى رەت قىلسا، ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش كارخانىسى قوبۇل قىلمايدۇ.
دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 20-سېنتەبردىن 3- ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا يوللىغان پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمالىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ، 100 % X نۇر ماشىنىسى ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش، ھەمدە يوللانما، تېز يوللانما باش بولىقى ياكى زاپچاسلىرىغا «بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش»بەلگىسى بېسىش ياكى چاپلاش، «بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش» بەلگىسى يوق پوچتا يوللانمىسى ياكى تېز يوللانمىلارنى بىردەك قايتۇرۇپ ، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئەۋەتىشگە بولمايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر