باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، لېكىن، ھەر جەھەتتىن تالانتلىق، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆزگىچە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇشى كېرەك

ئۇلار مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى تاللايدۇ

2015.07.15 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھرىر ئىلاۋىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بېرىلگەن باھادىن پايدىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىشنى يولغا قويىدۇ. ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بېرىلگەن باھا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا يەنىمۇ كۆپ ئېتىبارغا ئېرىشتى، بۇ يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتىكى يەنىمۇ يۇقىرى ھوقۇققا تەدرىجىي ئىگە بولۇپ، تېزدىن «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى» كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان شەكىللەنگەن تەپەككۇردىكى مۇقىملىقنى قانداق ئۆزگەرتىپ، «نومۇر قوبۇل قىلىش»تىن «ئادەم قوبۇل قىلىش»قا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ نەزىرىمىزنى چەت ئەللەرگە قارىتىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قانداق ئوقۇغۇچىلارنى ياقتۇرىدىغانلىقى قاراپ، ئۇنىڭدىن ئىلھامغا كېلەيلى.

  مۇتەخەسىسلەر: دەرىجىسى تېخىمۇ ئالدىدا تۇرىدىغان مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى تاللىغاندا، ئىمتىھان نومۇرىنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىۋالماي، ساپاسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېدى.

  دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدا، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان نۇرغۇن ئىش يۈز بەرگەن. مەسىلەن: دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىر ئوغۇل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان؛ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئەليۇلئەل بولغان بېيجىڭلىق ئوقۇغۇچى ئامېرىكىدىكى 11 داڭلىق مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

  شۇڭا كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمەيدۇ، چۈنكى، دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئىمتىھان نومۇرى ئاساسەن ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوقۇتقۇچىلىرى بەس-بەستە تالىشىدۇ. لېكىن، دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ئۆلچىمىدە، ئىمتىھان نومۇرى مۇھىم ئۆلچەم قىلىنمايدۇ. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا شەخسلەرنىڭ ئىلتىماس خېتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى، SAT نەتىجىسى، ئادەتتىكى نەتىجىسى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىل ئويلىشىلىدۇ.

  كۆپ يىللىق تەجرىبىگە ئىگە چەت ئەلدە ئوقۇش مۇتەخەسسىسى ما جېنيى: «ئامېرىكىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ بويىچە 1-بولغان، SAT ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن، ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسىلا يېتەرلىك ئەمەس، ئىمتىھان نەتىجىسى ئۆلچەمگە يېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى كۆپ» دېدى.

  ئۇنداقتا، ئىمتىھان نومۇرىغا تايانمىسا، نېمىگە تايىنىدۇ؟

  ما جېنيى: «دەرىجىسى تېخىمۇ ئالدىدا تۇرىدىغان مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى تاللىغاندا، ساپاسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالايدىغان، ھەر جەھەتتىن تالانتلىق، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆزگىچە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى كەلگۈسىدە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەر ياكى بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە كىشىلەر» دېدى.

  چەت ئەلدە ئوقۇش مۇتەخەسسىسى ساۋ چياڭ مىسال كەلتۈرۈپ: «ئەگەر، خاردارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى دۇنيادىكى ئىختىساسلىق رەھبەرلەرنى تەربىيىلەيدۇ دېسەك، ئۇنداقتا، بىر ئوقۇغۇچى ھەم زۇڭتۇڭ بولۇشتىكى يوشۇرۇن ساپاغا، ھەم زۇڭتۇڭ بولۇش قىزغىنلىقىغا ئىگە بولسا، مەكتەپ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدۇ» دېدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر