باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تىپىك دېلولاردىن 19نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.08.25 14:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تىپىك دېلولاردىن 19نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ 19 دېلو تۆۋەندىكىچە:

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى دىڭ خۇا، قورغاس ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لەي شيا (ئايال) ئەر - خوتۇننىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا توي مۇراسىمى ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. دىڭ خۇا، لەي شيا ئەر - خوتۇن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىزىغا ئىككى قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىر ۋاڭ چىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. ۋاڭ چىڭ مال سېتىۋېلىش كارتىسى قوبۇل قىلغانلىقى، ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك چىقىمنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاتچوت قىلغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلدى.

  شىنجاڭ ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىم مەمەتئىمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي مۇراسىمى ۋە نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. ئالىم مەمەتئىمىن قىزىغا گۈل چاي ئۆتكۈزۈپ، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى جېڭ جۇڭنىڭ ئۆز ئالدىغا «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى. جېڭ جۇڭ گېزىتخانا ئالغان ئېلان ھەققىنى ئىدارىنىڭ«كىچىك خەزىنە» مەبلىغى قىلغان ھەم «كىچىك خەزىنە» دىكى مەبلىغىگە ئىدارىدىكى كادىرلارنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئاي توقىچى سېتىۋېلغان. جېڭ جۇڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى باغ - ئورمان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىنيۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش ۋە قوشۇمچە پۇل تارقىتىش مەسىلىسى. جاڭ شىنيۇڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر سوۋغا قىلغان بۇيۇملارنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەم سوغۇقتىن ساقلىنىش پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ مۇكاپات قىلىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ جىنيۈەننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. سۇ جىنيۈەن ئۆزىنىڭ شەخسىي ساياھەت خىراجىتىنى ھۆكۈمەت پۇلىدىن ئاتچوت قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات نامەتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۈننەت توي ۋە نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. پەرھات نامەت بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوغلىغا سۈننەت توي ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى چىقتىم بازىرى چىقتىم كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئۆمەر مەخمۇتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بۆشۈك توي ۋە نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. ئۆمەر مەخمۇت ئاتا - ئانىسىنىڭ نامىدا قىزى ئۈچۈن بۆشۈك توي ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  قۇمۇل ۋىلايىتى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو، كىنو،تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. بۇ ئىدارە تەكشۈرۈش نامىدا بەش كادىرنى ئىچكىرى ئۆلكىگە ساياھەتكە ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىدارە باشلىقى ۋۇ توڭشىڭغا پارتيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈرئەت قۇرباننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسلىسى. جۈرئەت قۇربان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى بىلەن تۇققان ۋە دوستلىرىنى يوقلاشقا بارغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى ئارقا سەپ تەمىنات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى ھىلال توختى بىلەن ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى لى شياۋجۇڭنىڭ «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى. ھىلال توختى ۋە لى شياۋجۇڭ ئارقا سەپ تەمىنات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلىدە، مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھالدا «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلغانلىقى، كۆپ قېتىم «كىچىك خەزىنە»دىكى پۇلدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچكەنلىكى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغانلىقى، شەكلى ئۆزگەرگەن قوشۇمچە پۇل ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەلىك ئات مەيدانىدىكى ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ساختا ئاتچوت ياساپ، مەبلەغنى ئالداپ ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە پاراۋانلىق پۇلى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ ۋېنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى كۈيتۈن دەرياسى سۇغىرىش رايونى سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوغلىنىڭ تويىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. جاڭ شياۋجۈن ئوغلىنىڭ تويىنى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزگەنلىكى ھەم تەكلىپ قىلغان ئادەمنىڭ سانى بەلگىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى بالباغاي يېزىسىدىكى ياتاقلىق مەكتەپنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. بۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ساياھەتكە تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك چىقىملارنى ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ خىراجىتىدىن چىقىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرى باقا خەنجەرگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى، ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ساۋلىت تۇرسۇنبېكقا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسى ئارال يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى سۇلتانبېك سابىلانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى. سۇلتانبېك سابىلا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆزى ھەيدەپ، دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەپ كەلگەچكە، مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  قاراماي شەھىرى لۇلياڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ مىڭگۈينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. لۇ مىڭگۈي مەلۇم سودا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سوۋغا قىلغان پۇلنى قوبۇل قىلغاچقا، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭيۈەننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى. جاڭ جىڭيۈەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلغاچقا، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى كامىلجان ئىمىننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ماي كارتىسى بېجىرىپ شەخسىي ئىشلىتىش مەسىلىسى. كامىلجان ئىمىن ھۆكۈمەت پۇلىغا بېجىرىلگەن ماي كارتىسىنى ئۆزىگە ئىشلەتكەچكە، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ بياۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. ۋاڭ بياۋ دېلو بېجىرىش جەريانىدا جاۋابكارنىڭ ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچىسى ھەدىيە قىلغان تاللا بازىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش كارتىسىنى قوبۇل قىلغاچقا، پارتىيە ئىچىدە بىر يىل قالدۇرۇپ كۆزىتىش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر