باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ 18خىل ئىسپاتنى ج خ ئورگانلىرى چىقارمايدۇ

2015.08.25 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مىكرو بىلوگىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرمەيدىغان 18خىل ئىسپاتنى ئېلان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالاھىدە كەسىپ بېجىرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساقچىخانا ئاساسلىق چىقىرىپ بىرىدىغان ئىسپات ئىككى تۈرلۈك بۇلۇپ، بىرى شۇ كىشىنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ئىسپاتى، مەسىلەن، تۇغۇلغان يىل، ئاي، نوپۇس ئۇچۇرى، كىملىكنى يوقىتىپ قويغانلىق ئىسپاتى قاتارلىقلار،يەنە بىرى بولسا ئامانلىق ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا ئالاقىدار ئىسپات بۇلۇپ، مەسىلەن ، جىنايەت خاتىرىسى يوقلۇق ئىسپاتى، دېلو قوبۇل قىلىش ئۇچۇر قەغىزى ئىسپاتى، بەش خىل چېگرىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئوبيېكتقا تەۋەلىك ئىسپاتى قاتارلىقلار.

  ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرمەيدىغان ئىسپات:

  1. ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ 15 ﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ 18 ﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ 15 ﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ 18 ﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ھاجىتى ﻳﻮﻕ.

  2.ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ئاھالىلەر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

  3.ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ يۈتۈپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ.

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ:ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ يۈتۈپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ئاھالىلەر شەھەرلىك ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺑﯧﺠﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯧﺠﯩﺮﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ھىچقانداق ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻳﻮﻕ.

  4.ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ گۇۋاھنامىلەرگە، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ سالاھىيەت ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ گۇۋاھنامە، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ھاجىتى ﻳﻮﻕ.

  5.ﺗﯚﻟﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ئاھالىلەرنىڭ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ، ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ گۇۋاھلىق ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

  6.ھايات ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ سەھىيە ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، سەھىيە ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯗ.

  7.ﺋۇﺭﯗق-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ گۇۋاھلىق ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

  8.نىكاھلىنىش ئەھۋالى ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺗﻮﻱ ﺧﯧﺘﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

  9.ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ:ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ يۈتۈپ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺑﯧﺠﯩﺮﺳﻪ، ھىچقانداق ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺷﻪﺭﺕ ﻳﻮﻕ، ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

  10.ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﻢ ئەھۋالى ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻢ ئەھۋالى ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

  11.ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰھەقىقىي ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ئاھالىلەر ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

  12.ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ھادىسىسى ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ باھالاش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

  13.ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ مەھكىمىسىنىڭ ﺩﯦﻠﻮ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ھوقۇقى ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ مەھكىمىسىگە ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

  14.ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ:ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئەھۋال ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ گۇۋاھنامە ﯞﻩ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﯧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.

  15.ھەر ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ گۇۋاھنامە، ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻳۈتۈپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻤﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.

  16.ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ

  17.ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ئەھۋالى ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ئەھۋالى ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

  18.ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ

  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ: ھەرﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ھوقۇقى ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر