باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى ياپىڭ، توڭ لىيالار 9-ئايدا داۋالاش ئەترىتىنى باشلاپ شىنجاڭدىكى توشقان كالپۇك بالىلارنى داۋالايدۇ

2015.08.25 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن مۇخبىرنىڭ 2015-يىللىق يەنرەن پەرىشتە سەپىرى شىنجاڭ سەپىرى ئىزاھات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 12-سېنتەبردىن 16-سېنتەبرگىچە يەنرەن پەرىشتە فوندى 2015-يىللىق شىنجاڭ پەرىشتە سەپىرى داۋالاش ئەترىتى 3-قېتىم شىنجاڭ بېرىپ شىنجاڭدىكى توشقان كالپۇك بالىلارنى داۋالايدۇ.

  بۇ قېتىملىق 2015-يىللىق يەنرەن پەرىشتە سەپىرىگە لى ياپىڭ باشلامچىلىق قىلغان بۇلۇپ، قەشقەر بىلەن ئىلىغا بېرىپ داۋالاش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.توڭ لىيا بولسا يەنرەن يۇلتۇزى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن پىدائىيلار ئۆمىكى قوشۇلۇپ، ئىلىدا توشقان كالپۇكى بالىلاربار ئائىلىلەرگە بېرىپ يوقلايدۇ، ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلىدىغان بالىلارنى دوختۇرخانىغا ئالدۇرۇپ، ياردىمى بېرىشنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغىچە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدۇ.

  «پەرىشتەسەپىرى-مۇھەببەتنى كەڭ تارقىتايلى»داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈرى 2007-يىلى8-ئاينىڭ4-كۈنىدىن باشلانغان بۇلۇپ، يەنرەن پەرىشتە فوندى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نۇقتىلىق تۈر، ئاساسلىقى جۇڭگودىكى چەت-ياقا رايونلار، نامرات ئائىلىلەردىكى توشقان كالپۇك بالىلارنىڭ ئۇچۇرنىڭ كەمچىللىكى، قاتناشنىڭ قۇلايسىزلىقى ياكى يول خىراجىتىغا قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى ئۈچۈن، توشقان كالپۇك بالىلارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاپ قۇتقۇزىدۇ.(مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر