باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ تاموژنىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان 30مىڭ جۈپتىن ئارتۇق خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلىق ئاياغنى تەكشۈرۈپ پاش قىلدى

2015.08.25 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئالاتاۋ تاموژنىسى قاتناش ترانسپورتى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار ئىچىدىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان 30مىڭ جۈپتىن ئارتۇق خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلىق ئاياغنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن بۇلۇپ، “NIKE”،“adidas”“Reebok”،“converse” قاتارلىق خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 9-ئاۋغۇست ئالاتاۋ تاموژنىسى خەۋپ-خەتەر ئانالىزى ئارقىلىق، مەلۇم خەلقئارالىق مال توشۇش ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ۋاكالىتەن ئېكسپورت قىلغان ئۈچ ئاپتوموبىل ئاياق تۈرىدىكى مالنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن بۇلۇپ، تەكشۈرۈش خادىمى ئورالمىنى ئېچىپ تەكشۈرگەندە، كۆپ مىقداردىكى “NIKE”،“adidas”“Reebok”،“converse” قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ئاياغنى بايقىغان. شۇنداقلا مال ئىگىسى مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق بەرگەن ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتەلمىگەن. تەكشۈرۈش خادىمى بۇ ماللارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەھقىقلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەممە ساندۇقنى ئېچىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرگەن، شۇنداقلا بۇ ماركىلارنىڭ تاۋار ماركا ھوقۇق ئىگىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ ئالاقىلىشىپ، ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.20- ئاۋغۇست دېكېرس تالا بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز تاۋار ماركا ھوقۇق ئىگىسى بۇ توپ مالدىكى33598 جۈپ ئاياغنىڭ ھەممىسىنىڭ ماللارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

  ستاتىستىكا قىلىنىشىچە،بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئالاتاۋ تاموژنىسى جەمئىي8قېتىم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا دائىر دىلونى بىر تەرەپ قىلغان بۇلۇپ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر