خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 22-ئاۋغۇست كېچىدىن 23-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇنغىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتېرىلەش چوڭ يىغىنىنىڭ مەخسۇس تۈر مانىۋېرى بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونى ۋە چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ ئۆتكۈزۈلدى. مانىۋېرغا قاتناشقان خادىملار روھى كۆتۈرەڭگۈ، مانىۋېر جەريانى تەرتىپلىك بولدى، مانىۋېرنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى مۆلچەردىكى ئۈنۈمگە يەتتى، خاتېرىلەش چوڭ يىغىنىنىڭ ھەرتۈرلۈك تەشكىلىي خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاندى. 35 مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھە تاماشىبىن نەقمەيداندا مانىۋېرنى كۆردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى