باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تورداشلارنىڭ ئادەم بېدىكلىرىنى بىردەك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش مۇھاكىمىسى قىزىپ كەتتى، بېدىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم
قىلىنسا بالىلار خەتەرگە ئىتتىرىلىشى مۇمكىن، دېگەن تەھلىلمۇ بولدى

2015.06.18 13:03   مەنبە: خەلق تورى

تورداشلارنىڭ ئادەم بېدىكلىرىنى بىردەك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش مۇھاكىمىسى قىزىپ كەتتى، بېدىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم 
قىلىنسا بالىلار خەتەرگە ئىتتىرىلىشى مۇمكىن، دېگەن تەھلىلمۇ بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): 17-ئىيۇن تورداشلار دوستلار چەمبىرىكىنى قىزىتىۋەتتى، تەھلىللەردە «دۆلەتنىڭ ئادەم بېدىكلىرىگە چېتىلىدىغان قانۇن ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بالا سودىسى قىلىدىغانلارغا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەكلىپى بېرىمىز!» دېيىلدى. ئالاقىدار تېمىلار جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ دېققىتىنى تارتىپ قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغاشقا سەۋەب بولدى، نۇرغۇن تورداش مىكروبلوگ، ئۈندىدارلاردىكى دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي نۇقتىدىن قارىشى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمەلىيەتتە، ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشى قەبىھ، ئېغىر بولسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىدەك تىمساللار ئېلىمىزدە بولغان؛ «بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش» بۇ قېتىمقى بەس-مۇنازىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

  قانۇنشۇناسلىق دوكتورى جياڭ شياۋيەن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆلۈم جازاسىنىڭ جىنايەتچىلەرگە سالىدىغان ۋەھىمىسى ناھايىتى چەكلىك، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەت قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى توسۇپ قالالمىدى؛ ناۋادا ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئادەم بېدىكلىرى خەنجەر بىسىدا ياشايدىغان جېنىدىن تويغان كاللا كېسەرلەردىن بولۇپ قالىدۇ، جۇڭگولۇقلارغا ئايان بولغىنىدەك، جېنىدىن تويغانلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى تۇتۇش ناھايىتى قىيىن، ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرگەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا ساقچىلارغا تۇتۇش قىيىنچىلىقى تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.

  قانۇنشۇناسلىق دوكتورى چى شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: ئادەم بېدىكلىرى تۇتۇلسا ئۆلۈم جازاسىغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇ چاغدا جېنىدىن تويغان بۇ ئەبلەخلەر يۇمران-ئاجىز بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۇلار ئېلىپ يۈرگەن قوشۇپ تۇتۇش كېرەكمۇ؟ بالىلارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىنمۇ؟

  گۇاڭجوۋلۇق ئادۋوكات جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە، بارلىق ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ، بەلكى كونكرېت جىنايىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. رېئاللىقتا، نۇرغۇن ئادەم بېدىكلىرى ساتقان بالىلارنىڭ بەزىلىرىنى شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرى خاھلاپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساتقان، ئادەم بېدىكلىرى ئارىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن قارىغاندا، ئادەم بېدىكلىرىنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق قورقۇتۇش تازا ياخشى چارە ئەمەس. بۇ قانۇننىڭ جازاسى قانچە قاتتىق بولسا جىنايەت شۇنچە ئازىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى مەسىلىسىنى نېگىزىدىن ھەل قىلالىشى ناتايىن.مەشھۇر جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ئىلمى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور گۇ يۇڭجۇڭ مۇنداق دېدى: زورانسىز جىنايەتكە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى تېزراق ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاياللار-بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شىچۈ جىنايىتى ئېغىر ئادەم بېدىكلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ خىلدىكى جىنايەتكە ۋەھىمە پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى ۋە بۇ ھەقتە «گۇاڭجوۋ گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە تەدبىقلىنىدىغان ئەڭ تۆۋە جازا مۇددىتى 5 يىل، ئەڭ ئېغىر جازا ئۆلۈم جازاسى. شۇڭا نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئادەم بېدىكلىرىنى جازالاش قاتتىق بولمىدى، دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردا دۆلەت بالىلارنى ئالداپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم بېدىكلىرىنى ئېغىرلىتىپ جازالاۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن جىنايى قىلمىشى قەبىھ، ئېغىر بولغان ئادەم بېدىكلىرىگە كۆپرەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك. ئادەم بېدىكلىرى ئەلۋەتتە يىرگىنىچلىك، لېكىن قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېنىك بولۇپ قېلىشى، بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلولىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. چۈجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شۆسوڭ مۇنداق دېدى: ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئەشەددىيلىشىشىدە مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار. بىرىنچى، سېتىش يولى راۋان، بىرقەدەر چوڭ بولغان سېتىۋىلىش بازىرى بار. ئىككىنچى، پايدىنىڭ زور بولۇشى. بۇ زور پايدا جىنايەتچىلەرنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا قىززىقتۇرغان. ئۈچۈنچى، دېلو سادىر قىلىش ئاسان، ئاسان ئاشكارىلىنىپ قالمايدۇ. بالىلارنى ئالداپ سېتىش ئاياللارنى ئالداپ سېتىشقا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر. ھازىرقى قانۇن ئەمەلىيىتىدە، بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلار زەربە بېرىشنىڭ خىرە تۇقتىسى بولماقتا. شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە، بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلارنىمۇ چوقۇم قاتتىق جازالاش كېرەك.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ جۈنمۇ نۆۋەتتىكى ئالدانغان بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ قاتتىق زەربە بېرىلىشى كېرەك دەپ قارىغان.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى شۈ چىنسوڭ بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا «بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تەكلىپىدە: قانۇن چىقىرىشنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۈتكۈل خەلقنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەر ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئەشەددىيلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى سېتىۋالغۇچىلار بازىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. سېتىۋالغۇچىلار ئادەتتە جىنايى جازاغا تارتىلمايدۇ، كۆپلىگەن تەرەققىي قىلمىغان رايونلار بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئائىلىلەر ئالدانغان بالىلارنى سېتىۋالغاندا ھېچقانداق غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ.

  شۇڭا بىز چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىمىز كېرەك. مۇشۇ بىچارە ئالدىنىپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارغا ھەقىقىي ئىچ ئاغرىتىدىغان بولساق ھەرگىزمۇ ئۆپكىمىزنى باسماستىن بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن بالىسى يوق بىر ئادەتتىكى ئائىلىگە سېتىلىپ باشقىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش يولدىلا تۇتقۇن قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋەتكەنگە قارىغاندا ياخشىراق.بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش جىنايەتچىلەرنى چۆچۈتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىشىنى توسقۇلى بولىدۇ. بۇمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋال. زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زور سوممۇلۇق خىيانەت قىلىش دېگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرگە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن تارخىتىن بۇيان بۇ خىل جىنايەتەر ئۈزۈل-كېسىل يوقىدىمۇ؟ پەقەت زور پايدا ۋە چوڭ بازارلا بولىدىكەن. جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ بۇنداق سودىنى قىلىدىغانلار يەنىلا كۆپ چىقىدۇ. بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان بۇنداق پايدىسى كۆپ سودا تېخىمۇ شۇنداق.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…