باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئونسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

2015.06.18 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 16-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، خەلق ئىشلىرىنى تەكشۈردى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ھاكىم بورھان مەمەت تەكشۈرۈشتە بىرگە بولدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پاراۋانلىق ئورنى، ئونسۇ بازىرىدىكى ھەر قايسى ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ياشانغانلارنى بېقىش، مەھەللە خەلق ئىشلىرى مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردىن دوكلات ئاڭلىدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيەنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرى ياشانغانلارنى بېقىش، پاراۋانلىق ئورگىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىشى، ھەر قايسى خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ھەم ئەستايىدىل ئىشلىشى، نۆۋەتتىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ئىشلىرى ئوبيېكىتى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر