خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: جەمئىي 200 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنى سىچۈەن-چوڭچىڭ باش ئىشتاب سارىيى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلدى. بۇ باش ئىشتاب سارىيىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلۇش كۆلىمى 40 مىڭ 513 كۇۋادىرات مېتىر، بىنا ئېگىزلىكى 90 مېتىر، 26 قەۋەت بولۇپ، مەركەزلىك ئىش بىجىرىش، مىھمانخانا، سودا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنۋېرسال بىنا توپىدۇر، يەر ئاستى قەۋىتىدە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 200 ى تەسىس قىلىنغان. بۇ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنىدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان تۇنجى باش ئىشتاب ئىقتىساد بىناسى بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، قەشقەر سىچۈەن-چوڭچىڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى نەق مەيداندا 3 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.
سۈرەتتە: سىچۈەن-چوڭچىڭ باش ئىشتاب بىناسىنىڭ پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلىش مۇراسىمى
سۈرەتتە: قەشقەر شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن(ئوڭدا) سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقىغا 3 مىليون يۇەن مۇكاپات پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرمەكتە
سۈرەتتە: سىچۈەن-چوڭچىڭ باش ئىشتاب بىناسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى