خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تارىختىكى« ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش قانۇن» نىڭ يولغا قويۇلغىلى يېرىم ئايدىن ئاشتى. بېيجىڭدىكى نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەر بۇ نىزام يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاماكا چىكىش مىقدارىمۇ ئازايغان، تاماكا تاشلاشقا ئاتلانغان. لېكىن تاماكا تاشلاش جەريانىدا يۆتەل قاتارلىق ئەھۋال پەيدا بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ تاماكا تاشلاش دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، كېسەللىك ئىپادىسى ئەمەستىن بەلكى بەدەن ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى