باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈشكە باشلىدى

2015.07.01 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى يېقىندا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى مەخسۇس نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇنداق بەش جەھەتكە مەركەزلەشتى: 1-سىياسەت تەشۋىقات ئەھۋالى. ئاشلىق يىغىۋېلىش، ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مەيدانلىرى باھا تاختىسى چىقاردىمۇ-يوق، ئۆلچەمنى بەلگىلىدىمۇ-يوق، ئەۋرىشكىنى چىقارغانمۇ-يوق، دېھقانلار ئاشلىق سېتىشقا كەلگەن ھامان ئالىدىغان ئادەم بارمۇ-يوق قاتارلىق مەسىلىلەر تەكشۈرۈلۈپ، دېھقانلارنى خاتىرجەم ئاشلىق سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. 2-سۈپەت ۋە گىرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى. ئاشلىق يىغىۋېلىش، ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت، گىرنى تەكشۈرۈش تەرتىپى قېلىپلاشتىمۇ-يوق، ئاشكارا-ئېنىق بولدىمۇ يوق، سېتىۋېلىش ئىسپاتىنى تولدۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش تالونى كېسىش بىرلىككە كەلگەنمۇ يوق، تۈر مەزمۇنى تولۇق بولغانمۇ-يوق قاتارلىق مەسىلىلەر تەكشۈرۈلىدۇ. 3-ئاشلىق پۇلىنى بېرىش ئەھۋالى. ئاشلىق يىغىۋېلىش، ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ دېھقانلارغا ھېسابات ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرگەن-چۈشەندۈرمىگەنلىكى ھەم نەق مەيداندا ۋاقتىدا دېھقانلارنىڭ ئاشلىق پۇلىنى ھېساب قىلىپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكى تەكشۈرۈلۈپ، دېھقانلارنى قوللىرىدىكى ئاشلىقنى سېتىپ چىقىرىش، ئاشلىق پۇلىنى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. 4-سېتىۋېلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى. 5-دېلولارنى قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى.

  دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار تەكشۈرۈشتە بايقالغان ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا باھانى چۈشۈرۈش، بولۇپمۇ ئاق تالون بېرىش، باھانى چۈشۈرۈش ياكى پەلەمپەيسىمان باھا قويۇپ دېھقانلارغا زىيان سېلىش ھەم كونىنى يېڭى قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر