باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە ئۆلكە 1-ئىيۇلدىن تارتىپ ئۆلكە ھالقىپ قاتناش جەرىمانىسىنى ئېلىشنى سىناق قىلىدۇ

2015.07.01 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىغا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايلارغا بارغاندا قانۇنغا خىلاپ قاتناش جەرىمانىسىنى تاپشۇرۇش قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ۋە ئالاقىدار كەسىپ سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ھەم بىرلەشمە تورنى تەڭشەش ئاساسىدا، بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن تارتىپ، خېبېي، ئەنخۇي، شەندۇڭ، سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن ئۆلكىلىرىدە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلارغا بارغاندا قانۇنغا خىلاپ قاتناش جەرىمانىسىنى تاپشۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلارغا بارغاندا قانۇنغا خىلاپ قاتناش جەرىمانىسىنى تاپشۇرۇش ھەم كۆپ تۈرلۈك سىستېما بىرلەشمە تورى ۋە تېخنىكا مەدىتىنى ئويلىشىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، سىناق ئاساسىدا بۇ تەدبىرنى تەدرىجىي پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىدۇ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر