باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش-جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇستەقىل تۆھپىسى» ھۆججىتى تاپشۇرۇلدى

2015.07.02 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 30-ئىيۇن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى دۆلەت مۇستەقىل تۆھپە قوشۇش ھۆججىتىنى تاپشۇرغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خاك مۇنداق دېدى: بان كىمون جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىدە ئىپادىلىگەن رەھبەرلىك كۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ھەمدە كۈچلۈك ۋەدە بېرىدۇ. بانكىمون شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇستەقىل تۆھپە قوشۇش ھۆججىتىنى تېزراق تاپشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى كاتىبات باشقارمىسىغا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى دۆلەت مۇستەقىل تۆھپە قوشۇش ھۆججىتى بولغان «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش-جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇستەقىل تۆھپىسى» ھۆججىتىنى تاپشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر