- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى
2015.07.02 09:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، راھىلە مۇرتىزا ،ئامانگۇل خەۋىرى:مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،26-ئىيۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 18 نامرات مېيىىپقا 150مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مېيىپلار ئىشلىتىدىغان ياردەمچى ئۈسكۈنىلەرنى ھەقسىز ئورنىتىپ بەردى .گۈلئاۋات يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇراتجان مۇنياز بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، 3 يېشىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ سول پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى ، ئوچۇق يورۇق مۇراتجاننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا ، باشقا بالىلار بىلەن مەكتەپتە بىرگە ئوقۇش ، بىرگە ئويۇن ئويناش ئىدى ، بۈگۈن مېيىپلارغا ياردەم بېرىش مەركىزى ئۇنىڭغا يالغان پۇت سېلىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە ئۇنى ناھايىتى خوشال قىلدى .
گۈلئاۋات يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇراتجان مۇنياز مۇنداق دېدى :” بۇرۇن يالغان پۇت يوق ۋاقتىدا ، ھەرىكەت قىلىش تەسكە توختايتتى ، بۈگۈن ھۆكۈمەت ماڭا ھەقسىز يالغان پۇت سېلىپ قويدى ، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا بالىلار بىلەن بىرگە مەكتەپكە بېرىپ ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئوينىيالايدىغان بولدۇم مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم .“
ئىگىللىنىشىچە ، خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ،ئونسۇ ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى” كىچىكنى قۇتقۇزۇش ، بالدۇر قۇتقۇزۇش ، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش “ پىرىنسىپى بويىچە ،ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مېيىپلارنى ئىنچىكە تىزىملاپ چىقىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرنىڭ ياردىمى ئاستىدا مېيىپلارغا ياردەمچى ئۈسكۈنە ئورنىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىپ ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر