باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

2015.07.03 19:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى مائارىپ خىزمىتىنى ئوبيېكتىپ يەكۈنلەپ، شىنجاڭچە مائارىپ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ھەم ئوقۇتۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لاردىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى مائارىپتا كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا چاقىردى. جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپنى تايانچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنىڭ داۋامى ۋە كېڭىيىشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايوننى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشى، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، سىياسىي ئەقىل - پاراسەتكە تويۇنغان. بۇ مۇھىم سۆز مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى توغرىسىدىكى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما بولۇپلا قالماستىن، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە قويۇلغان تۈپ تەلەپ. مۇھىم سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئۈچ خىل سالاھىيىتى»، «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇش، «بەشنى تونۇش»تا چىڭ تۇرۇش، «پان ئىسلامىزم، پان تۈركىزم» ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى شىنجاڭلىقلارنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلار ھەم خىزمەت ۋەزىپىسى ھەم خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. شۇجى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپچى، ئۇلار روھ، ھاياتلىق ۋە ئادەمنى تاكامۇللاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت خىزمەتچىسى، ئۇلار پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلققە خىزمەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان؛ ئوقۇتقۇچىلار زىيالىي، ئۇلار ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئاقارتىشتەك ئالاھىدە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ «ئۈچ خىل سالاھىيەت» ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى بەلگىلىگەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ئالاھىدە دەۋردە تۇرماقتا، ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىزدىن مائارىپ بازىسى ۋە ئەۋلادلارنى تالىشىش كۈرىشى ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىن بولماقتا. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، بىلىم ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، ئۇلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى؛ دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن باشتىن - ئاخىرى يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەق - ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ، ئىككى يۈزلىمىچى، ياخشىچاق بولماسلىقى؛ زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، ماقالە ئېلان قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاۋامغا زامانىۋى ئىدىيە، بىلىم، پەن - تېخنىكىنى تارقىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك.

  «بەشنى تونۇش» تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. «بەشنى تونۇش» −− ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشتىن ئىبارەت. «بەشنى تونۇش» توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشتە يەتمەكچى بولغان كونكرېت نىشان. «تۆتنى تونۇش»تىن «بەشنى تونۇش»قىچە بولغان جەريان نەزەرىيە جەھەتتىكى يۈكسىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ جەۋھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە «بەشنى تونۇش» تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەڭرىتاغ دەرسخانىسى»، شىنجاڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى مىكرو بىلوگ ئارقىلىق تارقىتىش قاتارلىق جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى ئاڭلىق قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجابىي تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ ياردىمىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مەردانە بايان قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى تونۇش» قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  «پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم» ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، چەكلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ تەرەپتىن باشقۇرۇپ تەڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇش، «بەش ئاچقۇچ»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەم ئىگىلەش كېرەك. قانۇن تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكى ۋە نوپۇزىنى ئورتاق قوغداشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» چوڭ تەشۋىقاتى، كەڭ دائىرىلىك پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، «غازات قىلىپ قازا قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى بۇرمىلايدىغان سەپسەتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە توغرا دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ چېگراسىنى توغرا تونۇتۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيەنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتى ۋە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى زوركۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا يېتەكلەش كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «يۈزتۇرا سىردىشىش»، «تىل، يېزىق، مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ئۆگىنىش»، «دوستلىشىش، بىرگە بىر ياردەم بېرىش»، «بىرلەشمە دوستلۇق، ئالاقە ئورنىتىش»، «ياشلار، ئۆسمۈرلەر سىردىشىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى»، «ناخشا، ئۇسسۇلنى ئۆزئارا ئۆگىنىش»، «ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا يوقلاش»، «مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىلغار ئورۇن بەرپا قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە زوركۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تىرىشىپ ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزگۈچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  زامانىۋى شىنجاڭلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى كىشىلەرنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا شەخسنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئەتراپلىق يېتىلىشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت. زامانىۋى شىنجاڭلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش −− زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى. خاسلىققا ئىگە باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش - تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش - ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش - ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش كېرەك. زامانىۋى ئىدىيە، ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە زامانىۋى پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىلىم - پەنگە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، نادانلىق، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جايلاردا «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى»، «دېھقانلار دەرسخانىسى» ۋە بازار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە، سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر