باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلايلى

2015.07.03 19:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 2011 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى 2014 - يىلى مەملىكەت بويىچە نەتىجە، ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا يەنە بىرىنچى بولۇپ، «ئۇدا تۆت يىل چېمپىيون بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ شىنجاڭنىڭ شەرىپى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ بەختى.

  ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئامما بىرىنچى، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا، ئاساسىي قاتلام مۇھىم» دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلىش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن يولغا قويۇپ ئۈنۈمىنى كۆردى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە 4 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك ھەر مىللەت دېھقان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  ئاپتونوم رايون مالىيە كۈچى ناھايىتى قىس ئەھۋالدا، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىكلەتتى؛ جايلار شەكىل، ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىپ، ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى؛ ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 300 مىڭ يۈرۈش ئەتراپىدا ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر يىلى ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، سۈپەتتە قىلچە مەسىلە كۆرۈلمىدى...

  ھەر مىللەت دېھقانلارنى بىخەتەر، راھەت يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈش −− ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ مەقسىتى. «ئەمىن تاپقۇزۇش»، تېخىمۇ مۇھىمى «خەلقنى بېيىتىش» كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا «خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن «خەلقنى بېيىتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 1 مىليون 200 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك ئەمىن ئۆي تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ، 4 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تۈپتىن ياخشىلىدى. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ھەقىقىي ھېس قىلالايدىغان «ئەلرايىنى ئۇتقان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزگەن، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزغان قۇرۇلۇش»قا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر