باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى مەملىكەتلىك باھالاشتا ئۇدا تۆت يىل بىرىنچى بولدى

2015.07.03 19:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىي 100 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ، 4 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان، چارۋىچى نەپكە ئېرىشتى

  جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2014 - يىللىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى 94 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولغان، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2011 - يىلىدىن باشلاپ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇدا بەش يىل ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»دىكى ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2011 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى 1 مىليون 200 مىڭ ئائىلىلىك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %9.79 ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

  2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 98 مىليارد 632 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 1 مىليون 262 مىڭ 300 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، 1 مىليون 232 مىڭ 700 يۈرۈش ئۆي پۈتۈپ، ئىش باشلاش نىسبىتى ۋە پۈتۈش نىسبىتى پىلاندىكى ۋەزىپىنىڭ %105.19ى ۋە %102.72ىنى ئىگىلىدى. تۆت يىلدا، جەمئىي 4 مىليون 800 مىڭ ھەر مىللەت دېھقان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش داۋامىدا، ئاپتونوم رايون سۈپەت مەسىلىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى. 2011 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش يېتەكچى پىرىنسىپى» قاتارلىق تۈرلۈك تېخنىكا يېتەكچىلىكى ماتېرىياللىرىنى تەييارلىدى، «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش تەپسىلىي قائىدىسى»، «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تۈر بويىچە سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى تۈزۈمى» قاتارلىق 15 تۈرلۈك خىزمەت تۈزۈمىنى تۈزدى، 37 قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ %100كە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 2011 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن 20 نەچچە قېتىملىق بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ۋە 2014 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە، جايلاردىكى ئەمىن ئۆيلەرنىڭ بىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

  دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يېزىلاردىكى 1مىليون 150 مىڭدىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ 5 مىليون 200 مىڭ يۈەن كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغان. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش ئىستېمالىنى ۋاسىتىلىك ئاشۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2015 - يىلىمۇ 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پىلانلىغان بولۇپ، ۋەزىپە يەنىلا مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۆپ ئىكەن. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 269 مىڭ 200 ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %89.74كە يەتكەن، قىسمەن رايونلاردا ئومۇمىي نورما بويىچە، ھەتتا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىش باشلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر