خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ تۇرپان پىچان ناھىيىسىدىكى قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تېز كۆپىيىپ كەتتى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدىكى قۇملۇق مەنزىرىسى، قۇملۇقتىكى ھەرخىل قۇم ھەيكەللەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەتكۈسى كەلمەي قالدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بەزى ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى باشقۇرغۇچىسىنىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلماي، قۇم ئويمىسىغا خالىغانچە يامىشىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، نۇرغۇن قۇم ئويما ئەسەرلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولدى، بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالغانىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى