باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى ئۈچ تەدبىر قوللىنىپ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

2015.04.29 08:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، مۇتەللىپ تۇنيازلار خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھىيەسى ئۈچ تەدبىر قوللىنىپ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بىرىنچىدىن، رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى. ھاكىم گورۇپپا باشلىقى، مەسئۇل ناھىيە رەھبەرلىرى مۇئاۋىن گورۇپپا باشلىقى بولغان، قۇرۇلۇش، سودا- سانائەت، دۆلەت (يەرلىك) باج قاتارلىق ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ئەزا بولغان، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گورۇپپىسى قۇردى، ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن 20 نەپەر خىزمەتچى خادىم ئاجرىتىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كاپالىتى چارلاش ئەتىرىتى ۋە زاۋۇتتا تۇرۇپ تەكشۈرۈش ئەتىرىتى تەشكىللەپ، دەرىجە ۋە گورۇپپىلارغا ئايرىلىپ،ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. ئىككىنچىدىن، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى . 16 تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنى ھەر قايسى خىش زاۋۇتى ۋە سىمونت زاۋۇتىدا دائىملىق تۇرۇشقا تەشكىلەپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تەمىنلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك، سان- سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش چارلاش ئەتىرىتىنى كۈندە 2 قېتىم خىش زاۋۇتى، سىمونت زاۋۇتى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيالىرى كارخانىلىرىنى چارلاشقا تەشكىللەپ، زاۋۇتتا تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش گورۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە ئىستاتىستىكا سان- ساناقلىرىنى يوللاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىش ئورنىدا يوق ياكى ۋاقتىدا سان يوللىمىغان خادىملارغا مۇناسىپ ئىقتىسادىي جازا بەردى؛ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك تەمىنلىمەي، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن كارخانىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش قەرەللىك يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، قەرەللىك تۈردە كېڭىشىپ، تەمىنلەشنى پۇختىلىدى؛ ھەر قايسى خىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى مەخسۇس يېشىل كارىدورى تەسىس قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا خىش توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ۋە باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ئايرىم ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئۆز ئارا قىستاشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقىنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا بىر تۇتاش رەسمىيەت بېجىرىپ ۋە بەلگە قويۇپ، ئالدىن يول يۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تەمىنلەش ئونۋېرىسال رازىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كارخانىلارغا، سۇ، توكتا ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرىنى ئالدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر