باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ي ئە ئى ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى

2015.04.29 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىۋاتقان گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل تۆنۈگۈن كوپېنخاگېندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشى ھەمدە نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچكە ئاساسەن مۇئەييەن نىسبەتتىكى مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىشىنى مۇراجئەت قىلدى.

  مېركېل شۇ كۈنى دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ماگېرت 2-، باش ۋەزىرى تونى سىمىت بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، مۇساپىرلار ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر، ئۇكىرائىنا كىرىزىسى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭەشتى. تونى سىمىت مۇساپىرلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر