باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسىسلەر دېھقانلار ئۈچۈن نەق مەيداندا تەجىربە يەتكۈزدى

2015.04.27 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر راھىلە توختى) «خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلدى،20مو يەردىكى ئۈرۈك دەرىخىمنىڭ مىۋە بەرمەسلىگىدىن ئەنسىرمەيدىغان بولدۇم»،شىجاڭ ئورمانچىلىق ئاكادىمىيىسىددىن كەلگەن مۇتەخەسىسنى كۆرگەندىن كىيىن،ئالقاغا بازىرى چاڭگا كەنتىدىكى ئەخمەت ئابلا خوشال ھالدا يۇقارقى سۆزنى تەكرارلىدى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى،شىنجاڭ ئورمانچىلىق ئاكادىمىيەسىنىڭ كۆكەرتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىغى جاڭدوڭيا قاتارلىق 3نەپەر مۇتەخەسىسى،شىنجاڭ كادىرلار نازارىتىنىڭ ئالقاغۇ بازىرى چاڭگا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن بۇ كەنىتتە دېھقانلارغا ئېكلوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى،مەھسۇلات مىقتارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى چاتاش،ئوغۇتلاش ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق پەن- تېخنىكابىلىملىرىنى ئۆگەتتى،ھەمدە يېڭى بىر خىل ئامېركا ئۈرۈكى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدىغان ھەر خىل ئەتتىرگۈلنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن بازار ئۈنۈمىنى سۆزلىدى.ئەسلىدە 2سائەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان دەرىس ئۆتۈش ۋاختى 3سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى،نەق مەيداندا سۇئال سورىغان دېھقان ئامما 40ئادەم/قېتىمدىن ،پىلان بۇيىچە ئۈلگە كۆرسۈتىلگەن ئېتىز 6مو،يىتەكلەش ئېلىپ بېرىلغان ئۈرۈك دەرىخى 500تۈپتىن ئاشتى.

  بۇ كەنىتتىكى بېيىغان ياشلارنىڭ ۋەكىلى بولغان مۇختەر بارات باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ بىۋاستە پايدىسىنى كۆرگەن ياش،ھازىر ئۇنىڭ 15مو يەردە مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى بار.مېۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا ئۇ مۇنداق دېدى:«مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى دەل ۋاختىدا ياغقان يامغۇرغا ئوخشاش،مېنىڭ بېغىمغا يىتەكچىلىك قىلدى،مەن يېڭى تۈرلەرنىڭ كۆلۈمىنى كېڭەيتىپ،ئەتراپىمدىكىلەرنىمۇ بېيىشقا يىتەكلەيمەن.»

  ئىگەللىنىشىچە،چاڭگاكەنتى ئالقاغۇ بازىرىنىڭ جەنۇپ تەرپىگە جايلاشقان بۇلۇپ،تېرىلغۇ يەر كۆلۈمى 4000مو،ئۇنىڭ ئىچىدە باغۋەنچىلىك كۆلۈمى 2500مو بۇلۇپ دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىنىڭ بىرى.ئۆتكەن يىلى ھاۋارايى ئەھۋالى ۋەتېخنىكىلىق يىتەكلەش سېستىمىسىنىڭ كەمچىل بۇلۇشى سەۋەبىدىن،باغۋەنچىلىك كىرىمى كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىدى.بۇ مەسلىگە يۈزلەنگەن كەنىتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپسى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارنى يۆلەشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ،ئۆزىدىكى ئەمگەك كۈچى بايلىغىدىن ئبارەت ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ،چاڭگاكەنتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.پارتىيەلىك كادىرلار،ئامما ۋەكىللىرىگە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ،ئىلمىي تېرىچىلىق رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ،مۇتەخەسىسلەرنى نەق مەيداندا تەجىربە يەتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  كەنىت پارتىيە ياچېكا شۇجىسى روزى قاسىم خوشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بۇ يەرنىڭ ئۇچۇرلىشىشى قالاق بولغاچقا مۇشۇنداق تېخنىكىلىق يىتەكلەشكە ئېرىشىش پۇرسىتىمىز ئىنتايىن ئاز ئىدى،بۈگۈن ئىنتايىن كۆپ مۇتەخەسىسلەر بىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق بېيىشىمىزغا يەردەم قىلدى،راستىنلا خوشال بولدۇم،بۇندىن كىيىن،بىزنىڭ ئەمىلىي خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ئاشتى».

  كەنىتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىغى جاڭخەنچىڭ مۇنداق دېدى:«بىز دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق يولى بويىچە يىتەكلەپ،پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىغىنى ئاشۇرۇپ،كەنىت ئاھالىلىرىنىڭ تېزرەك بېيىش ماھىرلىرىدىن بۇلۇشىنى ئۈمۈت كىلىمىز».

  مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر