بەشىنچى نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە جەمئىي 14 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك جىددىي مۇسابىقە ئارقىلىق، پايتەخت سودا-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تارتىۋالدى. ئالدىنقى يىللاردىن چېمپىيون بولۇپ كەلگەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى ئىككىنچى بولدى. جۇڭگو كانچىلىق-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى ئۈچۈنچى بولدى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن، كۆپچىلىك «غالىبلار لوڭقىسى» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەرنىڭ دىققەت قىلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ھەر تەرەپلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«غالىبلار لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى «ئېكساق لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى چوڭ تەنتەربىيە پائالىيىتى بولۇپ، ھەر يىلى بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، پايتەختتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مۇسابىقىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى كوماندىلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل تەنتەربىيە روھىنى جارىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر نۆۋەتلىك نادىر تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى