باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ شەھەر قۇرۇش تۇرپانغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

2015.04.27 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاپرېل تۇرپانغا، ھەتتاكى پۈتۈن شىنجاڭغا نىسبەتەن خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن. 1992-يىلى ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ شەھەر قۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، تۇرپانلىقلار بۈگۈنگە قەدەر تىرىشىپ، ئاخىرى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  تۇرپان ۋىلايىتى بىكار قىلىنىپ شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋىلايەت دەرىجىلىك پارتىيە ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قايتىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ، ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرىنىڭ ئورگانلىرى ۋە رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  تۇرپان ۋىلايىتى 1975-يىلى قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ئەۋەتىلگەن ئورگان بولۇپ، تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسىنى باشقۇراتتى، تۇرپاننىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى ستىراتىگىيەلىك ئورنى كۈنسىرى ئاشتى.

  مۇستەقىل قارار چىقىرىش ۋە تەرەققىيات كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ

  ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، يېڭى تەسىس قىلىنغان تۇرپان شەھىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مۇستەقىل قارار قىلىش ھوقۇقى بار، بۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىجادىيلىق ئىقتىدارىنى قوزغىتىدۇ، خەلق تۇرپاننىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ بىۋاستە قاتنىشالايدۇ.

  تۇرپان باج كىرىمى جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ بوشلۇققا ئىگە بولىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سېلىنىدىغان سېلىنمىمۇ ماس ھالدا ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ۋىلايەت بىكار قىلىنىپ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلىپ قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ تەسىس كۈچى بار بولىدۇ.

  رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشىدۇ

  ۋىلايەت بىكار قىلىنىپ شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەھەر دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سىياسەتتىكى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭ ئىچىدە مۇۋاپىق ئورۇن بەلگىلەش ۋە مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئىگە بولىدۇ، تەرەققىياتنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  ئىلگىرىكى مەمۇرىي رايون بۆلۈنمىسىدە تۇرپان شەھىرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن چەكلىمىگە ئۇچرايتتى. ۋىلايەت ناھىيە ۋە شەھەرنى باشقۇرغاچقا، رەسمىيەتلەر كۆپ قاتلاملىق ھەمدە مۇرەككەپ ئىدى. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى بىۋاستە ناھىيە-رايوننى باشقۇرغاچقا رەسمىيەتنى تەستىقلاش ئازىيىپ ئۈنۈم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  شەھەر-بازارلىشىش قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ

  ۋىلايەت بىكار قىلىنىپ، شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرى دۆلەتنىڭ سانائەت تەرققىياتى، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە بولغان مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە سانائەت، مال ئوبورۇتى ۋە قاتناش-ترانسپورت قاتارلىقلارنى گەۋدە قىلغان شەھەر ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە شەھەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ تۇرپاننىڭ رايون مەركىزىي شەھىرى بولۇپ، توپلىنىش ئېففېكتى ۋە رادىئاتسىيە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.

  ساياھەتچىلىك كەسپى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

  ۋىلايەت بىكار قىلىنىپ، شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ساياھەت باشقۇرۇش قاتلاملىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ، تەستىق ۋە باشقۇرۇش تېخىمۇ راۋان بولىدۇ. مەسىلەن ئىلگىرى تۇرپان ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پەقەت شۇ يەردىكى ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھمانخانىلارنىلا باشقۇرالايتتى، جەمئىيەتتىكى مېھمانخانىلارنى تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى باشقۇراتتى. ۋىلايەت بىكار قىلىنىپ، شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر تۇتاش باشقۇرۇش تەلىپى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ساياھەتچىلىك كەسپى ئۇل مۇئەسەسسە قۇرۇلۇشىنى يېڭى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى ھارپىسىدا تۇرپاندا ۋىلايەت بىكار قىلىنىپ شەھەر تەسىس قىلىنغانلىقى بۇ مۇھىم يىلغا يەنە بىر مۇھىم خاتىرە ئەسلىمىسى قوشتى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر