باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە شىزاڭدا توختىماي قالدۇق يەر تەۋرىدى

2015.04.27 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى دەرىجىلىك ئورۇنلار، ئالاقىدار تەرەپلەر قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ، ئاپەت رايونىغا يەتكۈزدىنىپالدىكى 8.1 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، شىزاڭدا توختىماي قالدۇق يەر تەۋرەپ، ئەڭ كۈچلۈك تەۋرەش دەرىجىسى 7 بالغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە نيېلامۇ، جىلوڭ، دىڭرى، ساگا، جۇڭبا، يادۇڭ، لازى، پۇلەن قاتارلىق ناھىيەلەر ئېغىر دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىدى. 26-ئاپرېل كېچىگىچە، شىزاڭدا ئاز دېگەندە 20 كىشى قازا قىلدى، تۆت كىشى يوقاپ كەتتى، 58 كىشى يارىلاندى، 1206 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ، 200 نەچچە مىڭ كىشى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىدى. رىكازادىن نيېلامۇ ناھىيە بازىرىغا، نيېلامۇ ناھىيە بازىرىدىن جاڭمۇ پورتىغا تۇتىشىدىغان يول ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى ۋە كۆپ جايلاردا لاي-تاش ئېقىنى ۋە تاغ ئۇلى سىيرىلىپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ قاتناش توسۇلدى. جىلۇڭ ناھىيەسىدە توك توختىدى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر قايسى تەرەپ كۈچلىرىنى يۆتكەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، ھازىر ماددىي ئەشيالارنى جىددىي توشۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر